سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:129
قَالُوا أُوذِينَا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَأْتِيَنَا وَمِنْ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشىمۇ ھەقىقەقتۇر» دېدى
تەپسىر
بەنى ئىسرائىلدىن بولغان مۇسانىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ئى مۇسا! سەن بىزگە پەيغەمبەر بولۇپ كىلىشتىن بۇرۇنمۇ ۋە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ ئاياللىرىمىزنى خىزمەتكە قالدۇرۇش ئارقىلىق خارلىنىپ كەلدۇق، مۇسا ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ۋە كەڭرىچىلىكنىڭ كېلىدىغانلىقى بىلەن خوش-خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: پەرۋەردىگارىڭلار دۈشمىنىڭلار پىرئەۋىننى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىپ، ئۇلاردىن كېيىن سىلەرنى زېمىندا كۈچلەندۇرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭغا شۈكرى ئېيتامسىلەر ياكى كاپىر بولامسىلەر ئاللاھ ئۇ ۋاقىتتا قارايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ