سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:128

قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ

مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «اﷲ تىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى

تەپسىر

مۇسا ئۆز قەۋمىگە تەۋىسيە قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! ئۆزۈڭلاردىن زىياننى يوق قىلىپ، پايدىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىر ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سىلەر ئۇچۇرغان سىناققا سەۋىر قىلىڭلار، زېمىن ھەقىقەتەن بىر ئاللاھقا تەۋەدۇر، پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارغا تەۋە ئەمەس. ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ئىنسانلار ئارىسىدا زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، لېكىن يەر-يۈزىدىكى ياخشى ئاقىۋەت پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ چەكلىمىلىرىدىن يانغان مۆئمىنلەر ئۈچۈندۇر، مۆئمىنلەر گەرچە ئىمتاھان سىناقلىرىغا ئۇچۇرسىمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئۇلار ئۈچۈندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ