سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:127
وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوْمَهُ لِيُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَآلِهَتَكَ ۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَاءَهُمْ وَنَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَاهِرُونَ
پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە - پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ باللىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى
تەپسىر
پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى پىرئەۋنگە ئۇنى مۇسا ۋە ئۇنىڭغا ئىيمان ئېيتقان مۆئمىنلەرگە قارشى كۈشكۈرتۈپ مۇنداق دېدى: ئى پىرئەۋن! مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىندا پىتنە-پاسات تۇغدۇرۇش، سېنى ۋە ئىلاھلىرىڭنى تاشلاپ بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن قويىۋېتەمسەن؟!، پىرئەۋن مۇنداق دېدى: بىز بەنى ئىسرائىلنىڭ ئوغۇل باللىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە سەلتەنەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ