سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:126

وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ

سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»

تەپسىر

ئى پىرئەۋن! سەن بىزنى پەقەت مۇسانىڭ قولىغا ئاساسەن كەلگەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىپلەۋاتىسەن، ئەگەر بۇ ئەيىپلەنگۈدەك گۇناھ بولسا بىزنىڭ گۇناھىمىز شۇدۇر، ئاندىن ئۇلار ئاللاھقا يېلىنىپ مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىشىمىز ئۈچۈن بىزگە سەۋىر ئاتا قىلغىن، بىزنى بۇيرۇقىڭغا بويسۇنىدىغان، پەيغەمبىرىڭگە ئەگىشىدىغان مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ