سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:135

فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَىٰ أَجَلٍ هُمْ بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ

ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى

تەپسىر

بىز ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى ئۇلاردىن ئازابنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۋەتكەن چېغىمىزدا ئۇلار توساتتىن مۇساغا ئىمان ئېيتىش ۋە بەنى ئىسرائىلنى قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئەھدىلىرىنى بۇزدى، يەنى ئۇلار كۇپۇرلىقىنى داۋاملاشتۇردى، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مۇسا بىلەن بىرگە قويۇپ بېرىشكە ئۇنىمىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ