سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:100
أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ أَهْلِهَا أَنْ لَوْ نَشَاءُ أَصَبْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ ۚ وَنَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ
تەپسىر
زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى گۇناھلىرى تۈپەيلى ھالاك بولغاندىن كېيىن، زېمىنغا ۋارىس بولغان ئاندىن ئۆزلىرىگە چۈشكەن ئازابلاردىن ئىبرەت ئالماستىن بەلكى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلارنى گۇناھى تۈپەيلى جازالاش قانۇنيىتى بويىچە جازالايتتى. بۇ ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پىچەتلەپ ۋەز-نەسىھەت ئالمايدىغان ۋە نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولمايدىغان قىلىپ قويدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ