سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:101
تِلْكَ الْقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَائِهَا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْكَافِرِينَ
ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز، شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. اﷲ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشى، ۋەز-نەسىھەت قۇبۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت بولىشى ئۈچۈن ئىلگىرىكى ئاشۇ شەھەرلەر (يەنى نوھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيىبلەرنىڭ قەۋىملىرىنىڭ شەھەرلىرى) ئاھالىسىنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشلىرىنى، ۋە ئۇلارغا چۈشكەن ئازابلارنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھنىڭ ئەزەلى ئىلمىدە ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن چاغدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ دىللىرىغا پىچەت ئۇرغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنىڭ دىللىرىنىمۇ پىچەتلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئىمانغا ھىدايەت قىلىنمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ