سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:99
أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
ئۇلار اﷲ نىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا اﷲ نىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا اﷲ نىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ
تەپسىر
سىلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۆھلەت بەرگەنلىكىگە، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە كەڭرى رىزىق ئاتا قىلغانلىقىغا قاراڭلار. ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئازاپ نازىل قىلىشىدىن) ئەمىن بولالامدۇ؟، پەقەت ھالاك بولغۇچى قەۋىملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن خاتىرجەم بولالايدۇ، ئەمما ھىدايەتكە ئېرىشكەنلەر بولسا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىگە ئالدانمايدۇ، پەقەتلا ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان سىنىقى دەپ قارايدۇ-دە ئاللاھقا شۈكرى قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ