سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:96

فَالِقُ الْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ

اﷲ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، اﷲ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى، (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر

تەپسىر

ئاللاھ تائالا تاڭنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن چىقىرىدۇ. ئۇ زات كېچىنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىشتىن توختايدىغان ئارام ۋاقتى قىلدى. بۇ، ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى تىرىكچىلىك ھارغىنلىقىدىن ئارام ئېلىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە مېڭىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى. مەزكۇر ئىشلار تەڭداشسىز سەنئەتتۇركى، ئۇ، ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب، ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ