سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:95
۞ إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَىٰ ۖ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن اﷲ دۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ اﷲ دۇر، (اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟
تەپسىر
شەكسىزكى ئاللاھ يەككە-يېگانە زاتتۇركى، ئۇ دانلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن زىرائەتلەرنى چىقىرىدۇ، ئۇرۇقچىلارنى يېرىپ، ئۇنىڭدىن خورمىلارنى چىقىرىدۇ، تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىدۇ، يەنى ئاللاھ ئىنساننى ۋە پۈتۈن جانلىقلارنى مەنىيدىن چىقىرىدۇ، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىدۇ، يەنى مەنىينى ئىنساندىن، تۇخۇمنى توخۇدىن چىقىرىدۇ. مۇشۇ ئىشلارنى قىلغان ئاشۇ زات سىلەرنى ياراتقان ئاللاھ تائالادۇر. ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز سەنئىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە نېمە دەپ ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ