سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:97
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ النُّجُومَ لِتَهْتَدُوا بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنە كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (اﷲ نىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق
تەپسىر
ئەي ئادەم باللىرى! سەپەرگە چىققان ۋاقىتتا قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا يولدىن ئادىشىپ قالغىنىڭلاردا يولنى تېپىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالا كۆكتە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. بىز كۈچ-قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىل-پاكىتلارنى شۇنداق كىشىلەرگە بايان قىلدۇقكى، ئۇلار ئاشۇ دەلىل-پاكىتلار ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ