سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:36
۞ إِنَّمَا يَسْتَجِيبُ الَّذِينَ يَسْمَعُونَ ۘ وَالْمَوْتَىٰ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ ثُمَّ إِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
(سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى اﷲ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ
تەپسىر
سېنىڭ چاقىرقىڭغا پەقەت سۆزنى ئاڭلاپ، چۈشىنەلەيدىغانلارلا ئىجابىي ئىنكاس بىلدۈرىدۇ. كاپىرلار ئۆلۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلچە ئېتىبارى يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن. ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قايتا تىرگۈزىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار ئىلگىرى قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن پەقەت شۇ ئاللاھ تەرەپكىلا قايتىپ بارىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ