سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:37

وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قُلْ إِنَّ اللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَنْ يُنَزِّلَ آيَةً وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «اﷲ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە نازىل بولۇپ ئىمان ئېيتمىسا بالاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ

تەپسىر

مۇشرىكلار قۇسۇرچىلىق قىلىپ، ئىمان ئېيتىشنى كەينىگە سوزۇپ: نېمىشقا مۇھەممەدكە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. لېكىن مۆجىزە چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان بۇ مۇشرىكلارنىڭ كۆپىنچىسى، مۆجىزىلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈشى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە بىنائەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۆز ھېكمىتىگە بىنائەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر ئاللاھ ئۇ مۆجىزىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلار يەنە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىسا، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ