سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:35
وَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآيَةٍ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَىٰ ۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر اﷲ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى، سەن ھەرگىز (اﷲ نىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ئىنكارچىلىقى ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، يەر ئاستىغا كىرىدىغان بىرەر تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقىدىغان شوتا تېپىپ بىز ساڭا بەرگەندىن باشقا بىرەر دەلىل-پاكىت كەلتۈرەلىسەڭ، كەلتۈرۈپ باققىن. ئەگەر ئاللاھ بارلىق كىشىلەرنى سەن ئىلىپ كەلگەن توغرا يول ئۈستىدە بىرلەشتۈرۈشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىرلەشتۈرگەن بولاتتى. لېكىن ئۇ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن بۇنداق قىلىشنى خالىمىدى، سەن بۇنى چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن. بولمىسا ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويىسەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ