سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:66
۞ قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَمَّا جَاءَنِيَ الْبَيِّنَاتُ مِنْ رَبِّي وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىدى. چۈنكى ماڭا بۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلار كەلدى ھەمدە ئاللاھ مېنى يالغۇز ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىش ئارقىلىق بويسۇنۇشقا بۇيرۇدى. ئۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارى يوقتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ