سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:65
هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۗ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
اﷲ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!
تەپسىر
ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. شۇڭا يالغۇز ئۇنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن تىلەڭلار. ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئۇنىڭغا شېرىك قىلماڭلار. بارلىق ھەمدۇسانا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ