سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:64

اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ قَرَارًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ

اﷲ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر

تەپسىر

ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى ئۈستىدە ياشىشىڭلارغا مۇناسىپ جاي قىلدى، ئاسماننى ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم بىنا قىلىپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىدى. ئانىلىرىڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى ھالىتىڭلاردا سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، قامىتىڭلارنى گۈزەل قىلدى. سىلەرنى ھالال ۋە پاك يېمەكلىكلەردىن رىزىقلاندۇردى. سىلەرگە مۇشۇ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان زات پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر. پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بۈيۈكتۇركى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگارى يوقتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ