سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:63

كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ الَّذِينَ كَانُوا بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ

اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر مۇشۇنداق قىلغان)

تەپسىر

ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە يالغۇز ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتىن بۇرۇلۇپ كەتكىنىدەك، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ ھەر جاي ۋە ھەر ۋاقىتتا ھەقنى تاپالمايدۇ ھەم توغرىغا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ