سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:62
ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (اﷲ قا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
تەپسىر
سىلەرگە نېئمەتلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلغان ئەنە شۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ياراتقۇچى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇدمۇ يوق. شۇنداق ئىكەن، قانداقمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان باشقا نەرسىلەرگە چوقۇنۇشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ