سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:67
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا شُيُوخًا ۚ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوا أَجَلًا مُسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
اﷲ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر– بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر–ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر
تەپسىر
ئاللاھ ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن، ئادەمدىن كېيىن سىلەرنى ئابىمەنىيدىن، ئاندىن كېيىن لەختە قاندىن ياراتتى. بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن كىچىك بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىران يېشىغا يېتىسىلەر. ئاندىن چوڭ بولۇپ، ئاخىرىدا قېرىيسىلەر، ئاراڭلاردا قېرىماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ بار. ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ئۆمۈرنى چوقۇم كەم - زىيادە قىلماي ياشايسىلەر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ھەم يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۇ دەلىل - پاكىتلاردىن پايدىلانغايسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ