سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:29
يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَىٰ وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ
ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە اﷲ نىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن»
تەپسىر
ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولغاچقا مىسىر زېمىنىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە سىلەر. ناۋادا مۇسانى ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبتىن بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ قالسا، بىزگە كىم ياردەم بېرەلەيدۇ؟ پىرئەۋن: (بارچە ئىشلار) پەقەت مېنىڭ قارارىم ۋە ھۆكمىم بويىچە بولىدۇ. مەن يامانلىق ھەم بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇسانى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغىلا باشلايمەن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ