سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:28
وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ ۖ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر 'پەرۋەردىگارىم اﷲ' دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
تەپسىر
پىرئەۋن خانىدانىغا تەۋە، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئەمما ئۆز قەۋمىدىن ئىمانىنى يوشۇرىدىغان مۇئمىن بىر كىشى ئېيتتى: رەببىم ئاللاھ، دېيىشتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان ئادەمنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى. ناۋادا ئۇ يالغانچى بوپقالسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ئەگەر راست ئېيتقان بولسا، سىلەرگە ئۇ ۋەدە قىلىۋاتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى تېزلا كېلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ، ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە يالغاننى توقۇغانلارنى ھەقكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ