سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:30
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ
مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ
تەپسىر
مۇئمىن كىشى قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ: ( ناۋادا مۇسانى چەكتىن ئېشىپ، ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولساڭلار) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە شۇنداق بىر ئازابنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەيمەنكى، بۇ ئازاب ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدىن پەيغەمبەرلىرىگە قارشى توپلانغان، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشىغا ئۇچرىغان گۇرۇھلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ