سۈرە 4 · پارە 4
سورة النساء · 4:19
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَرِثُوا النِّسَاءَ كَرْهًا ۖ وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ ۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا
ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا اﷲ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
تەپسىر
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى مىراس ئالغاندەك ئاياللىرىنى مىراس ئېلىشىڭلار، ئۇلار بىلەن توي قىلىش ياكى ئەرگە بېرىش ياكى توي قىلىشتىن چەكلەش قاتارلىق تەسەررۇپاتلارنى قىلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئاياللىرىڭلارنى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھەتتا ئۇلار سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن ياكى باشقا ماللاردىن مەلۇم مىقدار سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەمرىڭلاردا تۇتۇپ تۇرىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار زىناغا ئوخشاش ئوچۇق-ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۇ ئاياللارنى تۇتۇپ تۇرۇش، سىلەر بەرگەن تويلۇق مېھرىدىن مەلۇم بىر نەرسە بەرگەنگە قەدەر سىقىشىڭلار توغرا بولىدۇ، ئاياللىرىڭلار بىلەن ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ياخشىلىق قىلىڭلار چېرايلىق ياشاڭلار، ئۇلارنىڭ دۇنيالىق بىرەر ئىشىنى ياقتۇرمىساڭلار ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىڭلار، چوقۇم ئاللاھ تائالا سىلەر ياقتۇرمىغان ئىشتا سىلەر ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىق قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ