سۈرە 4 · پارە 4

سورة النساء · 4:18

وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّىٰ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا

داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق

تەپسىر

ئاللاھ تائالا داۋاملىق گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغان، جان ھەلقۇمغا كەلمىگۈچە گۇناھىغا تەۋبە قىلمىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە، ئۇلارنىڭ بىرى: مەن ئىلگىرىكى بارلىق خاتالىقلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلدىم دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۇپىرلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كاپىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تەۋبىسىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇلار گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئاسىيلار بولۇپ، كۇپىر ھالەتتە ئۆلىدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب تەييارلىدۇق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ