سۈرە 4 · پارە 4
سورة النساء · 4:20
وَإِنْ أَرَدْتُمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنْطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا ۚ أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىگە (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟
تەپسىر
ئى ئەرلەر! ئەگەر سىلەر بىر خوتۇننى قويىۋېتىپ ئورنىغا يەنە بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار، بۇنىڭدا سىلەرگە گۇناھ يوق، ئەگەر سىلەر كەسكىن ئايرىلماقچى بولغان ئايالغا تويلۇق مېھرى ئۈچۈن كۆپ مال-دۇنيا بەرگەن بولساڭلارمۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مەقسىتىڭلار ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىدىن بىر نەرسە ئىلىۋېلىش بولسا، بۇ ئوچۇق بۆھتان ۋە روشەن گۇناھدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ