سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:147
مَا يَفْعَلُ اللَّهُ بِعَذَابِكُمْ إِنْ شَكَرْتُمْ وَآمَنْتُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمًا
ئەگەر (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، اﷲ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
تەپسىر
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئازابلاپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە شەپقەتلىكتۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەتلا ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇ. ئەگەر سىلەر ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ئاللاھقا نېئمەتلىرىگە قارىتا شۈكۈر ئېيتساڭلار، ئۇنىڭغا ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھەرگىز ئازابلىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىنى تونۇغانلارنىڭ شۈكرىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇركى، ئۇلارغا بۇ شۈكرانىسىغا قارىتا كۆپ ساۋاب-مۇكاپات بېرىدۇ. ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىمانىنى بىلگۈچىدۇركى، ھەر كىمگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ