سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:146

إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًا

پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، اﷲ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى اﷲ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. اﷲ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ

تەپسىر

مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قايتقانلار، نىيەتلىرىنى ساپ قىلغانلار، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانلار، ئەمەللىرىنى رىياسىز ھالدا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغانلار، مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان ئەنە شۇ كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا چوقۇم مۇئمىنلەرگە كۆپ ساۋاب بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ