سۈرە 4 · پارە 6

سورة النساء · 4:148

۞ لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا

زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى اﷲ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، اﷲ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر

تەپسىر

ئاللاھ ئاشكارا قىلىنغان يامان سۆزنى ياقتۇرمايدۇ بەلكى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە ئۇ كىشىنى جازالايدۇ، لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ زالىمنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى، زالىمغا بەد دۇئا قىلىشى ۋە قىلغان سۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن ئۇنى جازالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلغىنىدىن سەبرى قىلىشى ياخشى بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە نىيەتلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ناچار سۆز ۋە يامان نىيەتتە بولۇشتىن ھەزەر قىلىڭلار

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ