سۈرە 39 · پارە 23
سورة الزمر · 39:9
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
(اﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»
تەپسىر
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، كېچىدىكى ۋاقىتلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالەتتە ئۆتكۈزىدىغان، ئاخىرەتتىكى ئازابتىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، باياشاتلىقتا ئۇنىڭغا كاپىر بولىدىغان ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قىلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنى تونۇغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ۋاجىب قىلغان ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن بۇلاردىن ھېچ قايسىسىنى قىلمايدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ بۇ ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدىكى پەرقنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا بىلەلەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ