سۈرە 39 · پارە 23
سورة الزمر · 39:10
قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
ئېيتقىنكى، «ئى (اﷲ نىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. اﷲ نىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ماڭا ۋە پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاراڭلاردىن بۇ دۇنيادا ياخشى ئەمەل قىلغانلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىمۇ نۇسرەت، ساقلىق ۋە مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇش دېگەندەك ياخشىلىقلارغا، ئاخىرەتتە بولسا جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى تولىمۇ كەڭدۇر، ئاللاھقا ھېچبىر توسالغۇسىز قۇلچىلىق قىلالايدىغان ئورۇننى تېپىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە ھىجرەت قىلىڭلار. شەكسىزكى قىيامەت كۈنى سەۋرچان بولغانلارغا كۆپلۈكى ۋە خىلمۇ-خىللىقىدىن ساناپ ۋە مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە چەكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ