سۈرە 39 · پارە 23
سورة الزمر · 39:8
۞ وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُ نِعْمَةً مِنْهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدْعُو إِلَيْهِ مِنْ قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَنْدَادًا لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا ۖ إِنَّكَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ
ئىنسانغا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن اﷲ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان (ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن) چاغدا، اﷲ قا زىيان - زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، (باشقىلارنى) اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن اﷲ قا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ پانىي دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن
تەپسىر
ناۋادا كاپىر بولغان ئادەمگە كېسەللىك، مېلى يۈتۈپ كېتىش ۋە سۇدا ئېقىپ كېتىشتىن قورقۇش دېگەندەك بىرەر خاپىلىق كەلسە دەرھال رەببىگىلا يۈزلىنىپ، بېشىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن يالۋۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق نېئمەت ئاتا قىلسا، ئۇ ئىلگىرى يالۋۇرغان ئاللاھنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى قىلىدۇكى، باشقىلارنىڭمۇ ئاللاھقا ئېلىپ بارىدىغان يولدىن چەتنەپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ شۇ شېرىكلەرگە چوقۇنىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئېيتقىنكى، قالغان ئۆمرۈڭدە كۇپرىڭدىن ھۇزۇرلىنىۋالغىن، بۇ ئىنتايىن ئاز ۋاقىتتۇر. چۈنكى سەن دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ، قىيامەت كۈنى دوزاخ بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككى ھەمراھ كەبى سەندىن ئايرىلمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ