سۈرە 39 · پارە 23

سورة الزمر · 39:7

إِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنْكُمْ ۖ وَلَا يَرْضَىٰ لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ ۖ وَإِنْ تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ ۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ مَرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ

ئەگەر كاپىر بولساڭلار اﷲ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، اﷲ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ)، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، اﷲ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر

تەپسىر

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلارغا كاپىر بولساڭلار، ئاللاھ تائالا شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىڭلاردىن بىھاجەتتۇر، سىلەرنىڭ كۇپرىڭلار ئۇنىڭغا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، كۇپرىڭلارنىڭ زىيىنى پەقەتلا ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ ھەم ئۇلارنى كۇپرىغىمۇ بۇيرۇمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قەبىھ ئىشلارغا ۋە گۇناھقا بۇيرۇمايدۇ. ناۋادا سىلەر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ شۈكرى قىلغىنىڭلاردىن مەمنۇن بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا سىلەرگە ساۋاب بېرىدۇ. ھېچكىم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى يۈدۈۋالمايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا مەسئۇلدۇر. ئاندىن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايىڭلار يالغۇز ئاللاھ تەرەپكە بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە بۇ دۇنيادا قىلغان - ئەتكەنلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىدىكى سىرلارنىمۇ بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ