سۈرە 39 · پارە 23
سورة الزمر · 39:6
خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
اﷲ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، اﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق اﷲ قا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر
تەپسىر
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى بىر جان، يەنى ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئادەمدىن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ياراتتى، سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن سەككىز جۈپ ھايۋاننى يارىتىپ بەردى، ھەر بىر تۈرنىڭ ئەركىكى ۋە چىشىسىنى ياراتتى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قارنىدا قورساق، بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە باسقۇچمۇ - باسقۇچ بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياراتقان ئاشۇ زات سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ تائالادۇركى، مۇتلەق ئىگىدارچىلىق يالغۇز ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، قانداقمۇ ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ھېچنەرسە يارىتالمايدىغان، ئۆزلىرى يارىتىلغان مەخلۇقلارغا چوقۇنىدىغان بولۇپ كېتىسىلەر؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ