سۈرە 39 · پارە 23

سورة الزمر · 39:5

خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ

اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى اﷲ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

تەپسىر

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چوڭقۇر ھېكمەت بىلەن ياراتقان بولۇپ، زالىملار ئېيتقاندەك بىكارغا ياراتقىنى يوق. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەلسە يەنە بىرى كېتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينىمۇ بويسۇندۇرغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر بىرى بېكىتىلگەن ۋاقىت، يەنى بۇ دۇنيا ئاخىرلاشقانغا قەدەر توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىپ قېلىڭلاركى، ھەممىدىن غالىب ئاللاھ تائالا دۈشمەنلىرىدىن ئۆچ ئالىدۇ، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ