سۈرە 34 · پارە 22
سورة سبأ · 34:22
قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ وَمَا لَهُمْ فِيهِمَا مِنْ شِرْكٍ وَمَا لَهُ مِنْهُمْ مِنْ ظَهِيرٍ
ئېيتقىنكى، «سىلەر اﷲ نى قويۇپ مەبۇد دەپ قارىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاسمان - زېمىننىڭ (يارىتىلىشى ۋە باشقۇرۇلۇشىدا اﷲ قا) ھېچ شېرىكچىلىگى يوق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە اﷲ قا (ئاسمان - زېمىننى ئىدارە قىلىشتا ياردەملىشىدىغان) ھېچ ياردەمچىمۇ يوق»
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلىرىمىز دەۋالغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار سىلەرگە بىرەر پايدا كەلتۈرۈپ ياكى سىلەردىن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىپ باقسۇن. ئۇلار ئاسمانلاردىمۇ، زېمىندىمۇ زەررىچىلىك نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدا ئاللاھقا شېرىكچىلىكى يوق، ئاللاھقا ياردەملىشىدىغان ياردەمچىسىمۇ يوق. چۈنكى ئاللاھ شېرىكلەردىن ۋە ياردەمچىلەردىن بىھاجەتتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ