سۈرە 34 · پارە 22
سورة سبأ · 34:21
وَمَا كَانَ لَهُ عَلَيْهِمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يُؤْمِنُ بِالْآخِرَةِ مِمَّنْ هُوَ مِنْهَا فِي شَكٍّ ۗ وَرَبُّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَفِيظٌ
ئىبلىسنىڭ ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئۈستىدىن (ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن) ھۆكۈمرانلىق قىلىش پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر
تەپسىر
ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچى يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئۇلارغا (ئازغۇنلۇقنى) پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئازدۇرالايتتى. لېكىن بىز ئاخىرەتكە ۋە ئۇ جايدىكى مۇكاپاتلارغا ئىشىنىدىغانلارنى شەك قىلىدىغانلاردىن ئايرىش ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدۇق. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ