سۈرە 34 · پارە 22

سورة سبأ · 34:23

وَلَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ عِنْدَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ ۚ حَتَّىٰ إِذَا فُزِّعَ عَنْ قُلُوبِهِمْ قَالُوا مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ ۖ قَالُوا الْحَقَّ ۖ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ

اﷲ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا اﷲ نىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرولۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. اﷲ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر

تەپسىر

ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق شاپائەت ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھ تائالا پەقەت ئۆزى رازى بولغانلارنىڭلا شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاسماندا سۆز قىلغان چاغدا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە باش ئېگىپ قاناتلىرىنى قېقىشى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىندۇر. پەرشتىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئۇلار جىبرىئىلغا: پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى؟ دېيىشىدۇ. جىبرىئىل: ھەقنى دېدى، ئۇ زاتىدا ۋە ھۆكۈمرانلىقتا ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەممىدىن بۈيۈك، بارچە نەرسە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان زاتتۇر، دەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ