سۈرە 32 · پارە 21
سورة السجدة · 32:28
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْفَتْحُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «(بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىرىلىدىغان) بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلار)» دەيدۇ
تەپسىر
ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغانلار: قېنى سىلەر قىيامەت كۈنى بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزنىڭ دوزاخ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاقىۋىتىڭلارنىڭ جەننەت بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتاتتىڭلارغۇ؟ بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ دېيىشىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ