سۈرە 32 · پارە 21

سورة السجدة · 32:29

قُلْ يَوْمَ الْفَتْحِ لَا يَنْفَعُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِيمَانُهُمْ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ

ئېيتقىنكى، «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، بۇ ۋەدە قىيامەت كۈنى ئەمەلگە ئاشىدۇ. شەكسىزكى ئۇ كۈن بەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇركى، بۇ چاغدا دۇنيادا ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ قىيامەت كۈنىنى ئەينەن كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئىشىنىشى قىلچە ئەسقاتمايدۇ ھەم ئۇلارغا پەرۋەردىگارىغا تەۋبە قىلىۋالغۇدەك پۇرسەتمۇ بېرىلمەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ