سۈرە 32 · پارە 21
سورة السجدة · 32:27
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَسُوقُ الْمَاءَ إِلَى الْأَرْضِ الْجُرُزِ فَنُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا تَأْكُلُ مِنْهُ أَنْعَامُهُمْ وَأَنْفُسُهُمْ ۖ أَفَلَا يُبْصِرُونَ
ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار (بۇنى) كۆرمەمدۇ؟
تەپسىر
ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز قۇرغاق زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى ئەۋەتىمىز، ئاندىن شۇ سۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تۆگە، كالا ۋە قويلىرى، شۇنداقلا ئۆزلىرىمۇ يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىمىز. ئۇلار مۇشۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، قۇرغاق زېمىننى كۆكەرتكەن زاتنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەمدۇ؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ