سۈرە 31 · پارە 21

سورة لقمان · 31:33

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَا يَجْزِي وَالِدٌ عَنْ وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَنْ وَالِدِهِ شَيْئًا ۚ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ

ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارغا (بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى اﷲ نىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار

تەپسىر

ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار، ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا قىلچە ئەسقاتمايدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا سىلەرنى ھاياتىي دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرى ھەرگىز ئالداپ قويمىسۇن ھەمدە شەيتان ئاللاھنىڭ كۆيۈمچانلىقىنى ۋە سىلەردىن ئازابنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالدىمىسۇن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ