سۈرە 31 · پارە 21
سورة لقمان · 31:34
إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر. اﷲ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) اﷲ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر
تەپسىر
شەكسىز قىيامەتنىڭ ئىلمى يالغۇز ئاللاھنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ، يامغۇرنى ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ياغدۇرىدۇ، بالىياتقۇدىكى تۆرەلمىنىڭ قىز - ئوغۇللىقىنى، بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىنىمۇ بىلىدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىدىغانلىقىنى، قەيەردە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەكسىچە ئاللاھ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىلىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئاشۇلارنىڭ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ