سۈرە 31 · پارە 21

سورة لقمان · 31:32

وَإِذَا غَشِيَهُمْ مَوْجٌ كَالظُّلَلِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ فَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ

(دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن اﷲ قا ئىلتىجا قىلىدۇ، اﷲ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ

تەپسىر

ئۇلارنى تاغدەك ۋە بۇلۇتلاردەك دۇلقۇنلار ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان چاغدا ئۇلار ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىپ، غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن نورمالراقلىرى (نېئمەتكە) شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ئىنكار قىلىدىغانلىرىمۇ بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت -مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرسا ئۇنىڭغا شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىدىغانلىقى ھەققىدە چىن ئەھدە قىلىپ- ئاندىن پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نېئمەتكە شۈكۈر قىلماي، تۇزكورلۇق قىلىدىغان خىيانەتكارلارلا ئىنكار قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ