سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:30
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا ۚ فِطْرَتَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا ۚ لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، اﷲ نىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) اﷲ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، اﷲ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر پۈتۈن باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، ئاللاھ سېنى يۈزلەندۈرگەن دىنىغا يۈزلىنىڭلار. ئۇ ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارنى ئۈستىدە ياراتقان ئىسلام دىنىدۇركى، ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ئۆزگىرىش يوق. ئەنە شۇ قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەق دىننىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ