سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:29
بَلِ اتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَهْوَاءَهُمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۖ فَمَنْ يَهْدِي مَنْ أَضَلَّ اللَّهُ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
ئۇنداق ئەمەس (يەنى اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى يوق)، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ، ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ
تەپسىر
ئۇلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى دەلىل - پاكىتلارنىڭ كەمچىللىكى ياكى روشەن يورۇتۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاتا - بوۋىلىرىنى قارىغۇلارچە دورىغانلىقىدۇر. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان كىشىنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالايدىغان ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ