سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:28
ضَرَبَ لَكُمْ مَثَلًا مِنْ أَنْفُسِكُمْ ۖ هَلْ لَكُمْ مِنْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ مِنْ شُرَكَاءَ فِي مَا رَزَقْنَاكُمْ فَأَنْتُمْ فِيهِ سَوَاءٌ تَخَافُونَهُمْ كَخِيفَتِكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
اﷲ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال – مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر) دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ اﷲ قا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز
تەپسىر
ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرىدۇ: قۇل - چۆرىلىرىڭلار ئىچىدە ماللىرىڭلاردىن سىلەر بىلەن ئورتاق پايدىلىنىدىغانلار بولسا، خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھۆر بىر شېرىكىنىڭ مال - مۈلۈكنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئۆلۈشۈۋېلىشىدىن قورققىنىدەك، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ماللىرىڭلارنى سىلەر بىلەن تەڭ ئۆلۈشۈۋېلىشىدىن قورقامسىلەر؟ قۇللىرىڭلارنىڭ سىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشىغا قاراپ تۇرامسىلەر؟ شەكسىزكى، قۇللىرىڭلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قاراپ تۇرمايسىلەر. دېمەك، ئاللاھ مەخلۇقاتلىرى ۋە قۇللىرىدىن ئىبارەت مۈلكىدە شېرىكى بولماسلىقىغا ئەڭ لايىقتۇر. بىز ئەقىل ئىشلىتىدىغانلارغا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. چۈنكى بۇ مىساللاردىن مۇشۇنداق كىشىلەر پايدىلىنالايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ