سۈرە 30 · پارە 21
سورة الروم · 30:27
وَهُوَ الَّذِي يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ وَهُوَ أَهْوَنُ عَلَيْهِ ۚ وَلَهُ الْمَثَلُ الْأَعْلَىٰ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان اﷲ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) اﷲ قا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت اﷲ قا خاستۇر، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
تەپسىر
ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە ئۆرنەكسىز ياراتقان، ئاندىن ئۇنى يوق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇركى، قايتىدىن تىرىلدۈرۈش دەسلەپكى يارىتىشتىن كۆپ قولايدۇر. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى ئاللاھقا ئاسان، چۈنكى ئاللاھ بىر نەرسىنى پەيدا قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا: ۋۇجۇدقا كەل، دەيدۇ - دە، ئۇ نەرسە دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇلۇغلۇق ۋە مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى ئىچىدىن ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ غالىبتۇركى، (ھېچكىمگە) يېڭىلمەيدۇ، يارىتىش ۋە پىلانلاشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ