سۈرە 30 · پارە 21

سورة الروم · 30:31

۞ مُنِيبِينَ إِلَيْهِ وَاتَّقُوهُ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَلَا تَكُونُوا مِنَ الْمُشْرِكِينَ

اﷲ قا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، اﷲ تىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار

تەپسىر

گۇناھىڭلاردىن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا قايتىڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، تەبىئىي خاراكتېرگە زىت ئىش قىلىپ، ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلىدىغان مۇشرىكلاردىن بولماڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ