سۈرە 30 · پارە 21

سورة الروم · 30:24

وَمِنْ آيَاتِهِ يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَيُحْيِي بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ

اﷲ نىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى اﷲ نىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك - شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار

تەپسىر

ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاسماندا چاقماقنى كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن گۈلدۈرمامىدىن قورقۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇر يېغىشىغا بولغان ئۈمىدنى پەيدا قىلغانلىقى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قاقاس زېمىننى جانلاندۇرغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىل - پاكىتلار باركى، بۇلار ئۇ مۆجىزىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلىشكە دەلىل قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ